سومالىدا ئاممىۋى خىزمەتلەر ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

ئاممىۋى خىزمەتلەر ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئابباس ئابدۇللاھىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

725660
سومالىدا ئاممىۋى خىزمەتلەر ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىدا ئاممىۋى خىزمەتلەر ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئابباس ئابدۇللاھى سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئىقتىسادىي تەپتىش باشقارمىسى باشلىقى نۇر فاراھنىڭ بىر مۇھاپىزەتچىسىنىڭ مىنىستىرلىق بىناسىغا يېقىن تەكشۈرۈش ئېغىزىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئاممىۋى خىزمەتلەر ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئابدۇللاھىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاپتوموبىلدىكى يەنە بىر مىنىستىرنىڭ ساق قالغانلىقى، بىراق بۇ مىنىستىرنىڭ كىملىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچى توغرۇلۇقمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.


خەتكۈچ: #سومالى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر