ئىسرائىلىيەگە «ئىشغالچى كۈچ» دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى

ب د ت ئىلىم - پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكونىڭ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەگە «ئىشغالچى كۈچ» دېگەن ئېنىقلىما بېرىلدى.

724786
ئىسرائىلىيەگە «ئىشغالچى كۈچ» دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنېسكو، سۇدان، قاتار، ئوممان، ماراكەش، لىۋان، مىسىر ۋە ئالجىرىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىن» قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى. لايىھەدە، قۇددۇسنىڭ مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۇقەددەس شەھىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىش بىلەن بىرگە، «ئىشغالچى كۈچ ئىسرائىلىيە» نىڭ قۇددۇسنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەر تۈرلۈك قانۇنىي ياكى مەمۇرىي سىياسەتلىرىنىڭ ئىناۋەتسىز ھېسابلىنىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەدىن تونېل كولاش، قانۇنسىز تەكشۈرۈش ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق قۇددۇستا يولغا قويۇۋاتقان قانۇنغا خىلاپ پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى تەلەپ قىلىندى.

لايىھەگە بىرازىلىيە ، خىتاي، رۇسىيە ۋە شىۋېيتسارىيە قاتارلىق 22 دۆلەت قوللاپ؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە ۋە گوللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دۆلەت رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى.

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس، يۇنېسكونىڭ قارارىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى؛ ھاماس باياناتچىسى ئابدۇللەتىف ئەلكانۇ، بۇ قارارنىڭ ئەرەب ئەللىرى، ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ يەھۇدىيلاشتۇرۇلۇشى مەقسىتىدە كولانغان ھەر تۈرلۈك كولاش ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، قارارغا «بىمەنە» دەپ باھا بەردى؛ ئىسرائىلىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى دىپلوماتلارنى قوبۇل قىلغان نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «يېقىنقى 2 كۈندە دۆلەتلىرىڭلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشتۇم. ئوخشاشلا دىپلوماتلىرىمىزمۇ يۇنېسكودا ئاۋازغا قويۇلغان بۇ <بىمەنە> قارار لايىھەسىگە قارشى بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر