شىمالىي كورېيە يەنە بىر ئامېرىكىلىقنى تۇتقۇن قىلدى

پىيوڭياڭ دائىرىلىرى، ئەسلى كورېيەلىك بىر ئامېرىكا پۇقراسىنى پىيوڭياڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تۇتقۇن قىلدى.

724932
شىمالىي كورېيە يەنە بىر ئامېرىكىلىقنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەدە يەنە بىر ئامېرىكا پۇقراسى تۇتقۇن قىلىندى؛ ئەسلى كورېيەلىك ئامېرىكا پۇقراسى كىم ساڭدوكنىڭ 22 – ئاپرېلدا پىيوڭياڭ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

پىيوڭياڭ پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور ئۇنۋانى بىلەن دەرس ئۆتۈشكە چاقىرىلغان 50 ياشلار ئەتراپىدىكى ئامېرىكا پۇقراسى كىمنىڭ «دۆلەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇش غەرەزلىك دۈشمەنلەرچە ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

كىم، شىمالىي كورېيەدە قاماقتا يېتىۋاتقان ئۈچىنچى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۇقراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر