جەنۇبىي سۇداندا يېتىم بالىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە

جەنۇبىي سۇدان ۋىلايەتلىك ياردەملىشىش باشقارمىسى باشلىقى جەنۇبىي سۇداندا يېتىم بالىلارنىڭ سانىنىڭ 30مىڭغا يەتتى.

724140
جەنۇبىي سۇداندا يېتىم بالىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دارفۇر ۋىلايىتىدە ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى يېتىم بالىلارنىڭ سانى 30مىڭغا  يەتتى.

جەنۇبىي سۇدان ۋىلايەتلىك ياردەملىشىش باشقارمىسى باشلىقى مۇھەممەد ئىبراھىم ھەسەن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رايوندىكى يېتىم بالىلار سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«بارىدىغان ئۆيلىرى يوق بۇ پەرزەنتلىرىمىز كوچىلاردا تۈنىمەكتە»دېگەن مۇھەممەد ئىبراھىم ھەسەن سۆزىنى داۋملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلار بۇ يېتىملارغا ئىگە چىقىشى كېرەك، بۇ سۇنداننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئەمەس بارلىق ئۈممەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈندۇر

رايوندىكى توقۇنۇشلار ئۈستىدىمۇ توختالغان مۇھەممەد ئىبراھىم ھەسەن، 10ياشتىن 20ياشقىچە بولغان يېتىم بالىلارنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى تەسىس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ كۆپ تۈركىيەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىبراھىم ھەسەن مۇنۇلارنى دېدى:« تۈركىيە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى يۇرتىمىزدا قۇدۇق قېزىپ، خەلقىمىزگە ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىش بىلەن بىرگە تەربىيلەش كۇرسلىرى ئېچىپ دارفۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ياردەم قىلغۇچىمۇ ياردەمگە ئېرىشكىچىمۇ مۇسۇلمان، تۇ تولىمۇ گۈزەل ھېس-تۇيغۇدۇر.»

مۇھەممەد ئىبراھىم ھەسەن رايوندىكى مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلغۇسى بارلىقىنى، يېتىم-يىسىرلار مەكتىپى قۇرۇلۇشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييارمىز، بىزگە مەلۇمكى ئۇلارمۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىزمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر