ب د ت دونالد ترامپنىڭ يەرلىك خەلقلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دونالد ترامپنىڭ ئىندىئانلار زېمىنىدا نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلىش لايىھەسىنى تەستىقلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

723809
ب د ت دونالد ترامپنىڭ يەرلىك خەلقلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مىقىياسىدا نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان شىمالىي داكوتا ئىشتاتىدا بەرپا قىلىنىش پىلانلانغان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ داكوتا ئىشتاتىدىكى ئىندىئانلار زېمىنىدىن كېسىپ ئۆتۈلىدىغانلىقى تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقلەر دوكلاتچىسى ۋىكتورىيا تاۋلۇ-كورپۇز ئىندىئانلارنىڭ نارازىلىق ۋە بېسىملىرىنىڭ ئەكسىچە داكوتا ئاكسېس تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنى تەستىقلىغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يەرلىك خەلقلەر سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىندىئانلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماستىن قارار بېرىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ۋىكتورىيا تاۋلۇ-كورپۇز مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئىندىئانلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي قارار بېرىشى قىلچە توغرا ئەمەس.»

دونالد ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشتىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋىكتورىيا تاۋلۇ-كورپۇز، ناۋادا تۇرۇببا لىنىيەسى بەرپا قىلىنغان تەقدىردە ھەم مۇھىت ھەمدە ئىندىئانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا سەلبىي  تەسىرلەرنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

داكوتا ئىشتاتىدىكى «دۇران كايا»قەبىلىسىنىڭ ئەزاسى ۋە تۇرۇبا لىنىيەسى ئۆتىدىغان رايوننىڭ ئىگىسى بولغان لادوننا تاماكاۋاستېۋىن ئالاردمۇ بارلىق يەرلىك خەلقلەرنى بىر-بىرلىرىنى قوللاشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «يەرلىك خەلقلەرمۇ  ب د ت دا باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش  ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق –ھوقۇقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىتابنامە ب  د ت ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن 2007-يىلى 13-سېنتەبىردە ماقۇللانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر