شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى

شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى. ئامېرىكا بولسا، تەھدىتلەرگە قارىماستىن رايوندىكى ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرماقتا.

723589
شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ «كارل ۋىنسون» ئاۋىياماتكىسى كورېيە يېرىم ئارىلىغا يېتىپ كېلىپ مانېۋىرىنى باشلىدى. فىرانسىيە بىلەن ياپونىيەمۇ رايونغا ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئەۋەتتى.

شىمالىي كورېيە قۇرۇقلۇققا يېقىنلاشقان تەقدىردە، ھەم ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىنى ھەمدە جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان پورتىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكىنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئوققا تۇتىدىغانلىقىنى جار سالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «CBS» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىمالىي كورېيە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلسا، ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر