ھېكمەتيار ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشىنىڭ سەۋەبىگە ئىزاھات بەردى

ھېكمەتيار ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خەلققە خىتاب قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئورنىتىشىنىڭ سەۋەبىگە ئىزاھات بېرىپ ئۆتتى.

723065
ھېكمەتيار ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشىنىڭ سەۋەبىگە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلاردىن ئسىلام پارتىيەسى رەھبىرى گۇلبەددىن ھېكمەتيار ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن قوللىغۇچىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان لاغمان ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي مەھتارلام شەھىرىدە خەلققە خىتاب قىلغان ھېكمەتيار، ئافغانىستاننىڭ كۈچلۈك بىر مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ھوقۇق – مەنسەپ كۈتمەستىن ئەستايىدىل خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ئافغانلارنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئافغانىستاندا ئىلگىرى يۈز بەرگەن سەلبىي رىقابەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار ئاقىۋەتلەرنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق سەلبىي ئەھۋاللاردىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى قورال تاشلاشقا چاقىرغان ھېكمەتيار، تالىباننىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئۇرۇش قىلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاندا بىر تامچىمۇ قاننىڭ تۆكۈلۈشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئافغانىستان خەلقىنىڭ بۇنى كۆتۈرگۈدەك ماجالىنىڭ قالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھېكمەتيار، «ئەمدى ئۇرۇشنى ۋە ھېچكىمنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز» دېدى.

20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئافغانىستان خەلقىگە خىتاب قىلغان ھېكمەتيار، پارتىيەسىنىڭ زۆرۈر، دەپ قارىغان بىر مەزگىلدە قوراللىق كۈرەشكە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، بىراق، نۆۋەتتە بۇ كۈرەشنى دۆلەتكە پايدىلىق، دەپ قارىمىغانلىقى ئۈچۈن، تىنچلىق ئورناتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە چاقىرىپ قىلىپ، كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ۋە پارتىيەسىنىڭ قاماقتىكى ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن ئىسلام پارتىيەسى رەھبىرى ھېكمەتيار ئۆتكەن يىلى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىم گۇلبەددىن ھېكمەتيار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خەلقئارا قارا تىزىملىكتىن چىقىرىلىشى، كابۇلدا بىخەتەر ھايات كەچۈرەلىشى ئۈچۈن، ئايرىم بىر ھەربىي رايون تەسىس قىلىنىشى، دۆلەتنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە قاماقتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق نۇقتىلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئىسلام پارتىيەسى 14 يىلدىن بۇيان ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قېتىم كابۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە چەت ئەللىكلەرگە قارشى ھۇجۇملارنى سادىر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر