«ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ تولىمۇ يۇقىرلىقىنى ئېيتتى.

722299
«ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى تولىمۇ يۇقىرى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرلىقىنى ئېيتىپ «شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى، بىراق مەن دىپلوماتىك يوللارنى تاللايمەن»دېدى.

رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇنداق دېدى: «مەسىلىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتۇق، لېكىن مەسىلەنىڭ بۇ يولدىن ھەل بولۇشى تولىمۇ مۈشكۈل».

دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ «ئامېرىكىغا ئېغىر خەۋپ»شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇننىڭ گەپ چۈشىنىدىغان ئوڭ ئادەم ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا سورالغان سوئالغا «ئۇنىڭغا گەپ چۈشىنىدىغان ئوڭ ئادەم دەپ قارىغۇم بار»دەپ جاۋاب بەرگەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپ «ئۇ 27 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۆلۈپ كېتىپ دادىسىنىڭ ئورنىغا دۆلەت رەئىسى بولىدۇ، ئۇنىڭدەك كىچىك ياشتىكى بىرىگە نىسبەتەن بۇ ئىشلار ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىنى يوللۇق كۆرسەتمەكچى ئەمەسمەن، مەن پەقەت بۇ يەردە ئۇنىڭ قىلغان ئىشلارنىڭ ئادەتتىكى ئىشلار ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتمەكچىمەن»دېدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جەنۇبىي كورېيەنى شىمالىي كورېيەدىن قوغداش ئۈچۈن كورېيە ئارىلىغا كۈچلۈك ئىقتىدارلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشۇرۇشقا باشلىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە بىر يادرو دېڭىز ئاستى پاراخوتى بىلەن بىر ئاۋىئاماتكا جەنۇبىي كورېيە دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلدى.

كۈچلۈك ئىقتىدارلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جەنۇبىي كورېيەنىڭ 1 مىليارد دوللارلىق چىقىمنى تۆلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىمۇ ئېيتقان دونالد ترامپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن ئامېرىكىغا ياردەم قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دونالد ترامپنىڭ ئاق سارايدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ 100 ئەزاسىنىمۇ ئاق سارايغا چاقىرتىپ شىمالىي كورېيە مەسىلىسى توغرۇلۇق ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەنىدى.

تاراتقۇلارغا يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلغان تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى رېكس تىللېرسون بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس، شىمالىي كورېيە يادرو خىزمەتلىرىگە خاتىمە بەرمىگەن ئەھۋالدا، شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر