ئەردوغان ئوربان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
722472
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان 16 – ئاپرېل رېفېراندۇمىدىكى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.
ئىككى رەھبەر 14 – 15 – ماي كۈنلىرى خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان «بىر بەلباغ ۋە بىر يول» يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولۇشنى قارار قىلدى.
ئوربان ياۋروپا پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئەگەر تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىسا، پات يېقىندا پۈتكۈل ياۋروپا چوڭ پالاكەتكە دۇچ كېلىدۇ» دېگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.