«دۇنيا رەھبەرلىرى ئۇرۇش توغرۇلۇق باياناتلارنى ئېلان قىلىشتىن ساقلىشىنى كېرەك»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەتكە داخىل بولغان بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇرۇش توغرۇلۇق باياناتلارنى ئېلان قىلىشتىن ساقلىنىش ۋە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

722393
«دۇنيا رەھبەرلىرى ئۇرۇش توغرۇلۇق باياناتلارنى ئېلان قىلىشتىن ساقلىشىنى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغان ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن كرېمىل سارىيىدا بىر يەرگە جەم بولغان پۇتىن، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىگە داخىل بولغان بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇرۇش توغرۇلۇق باياناتلارنى ئېلان قىلىشتىن ساقلىنىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئىلمىي ئاساستا دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز. بۇ دائىرىدە دەرھال ئالتە تەرەپلىك سۆھبەتلەرنىڭ باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئورتاق ۋەزىپە دەپ بىلىمىز.»

پۇتىن رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىشلىق كۇرىل ئاراللىرى مەسىلىسىدە تەپسىلىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «كۇرىل ئاراللىرىدا ئورتاق ئىقتىسادىي ۋە سودا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە دەسلەپكى لايىھەلەرنى تۈزۈش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. لايىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىل ياز ياپونىيە دائىرىلىرى كۇرىل ئاراللىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ.»

رۇسىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۇرىل ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە كېلىشەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىمزالىيالمىغان تىنچلىق كېلىشىمى توغرىلىقمۇ توختالغان پۇتىن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان ۋە خەلقلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې پۇتىن بىلەن شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ياپونىيە بىلەن رۇسىيە بۇ مەسىلىدە داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ. شىمالىي كورېيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلىش ۋە ئىغۋاگەرلىك پائالىيەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىمىز.»

ياپونىيە، ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن خىتايدىن شىمالىي كورېيەگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر