«تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىسا پۈتكۈل ياۋروپا چوڭ پالاكەتكە دۇچ كېلىدۇ»

ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان تۈركىيەدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرغۇچىلارنى قوللاش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىسا پات يېقىندا پۈتكۈل ياۋروپا چوڭ پالاكەتكە دۇچ كېلىدۇ» دېدى.

721469
«تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىسا پۈتكۈل ياۋروپا چوڭ پالاكەتكە دۇچ كېلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوربان ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى نۇتىقىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەدە 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش رېفېراندۇمىدىكى غەلىبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تەبرىكلىگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ياۋروپانىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمىتىنىڭ تۈركىيەنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش بولماسلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغاندا، پۈتكۈل رايوننى بالايىئاپەت قاپلاپ كېتىدۇ، جۈملىدىن ھەممىمىز ناھايتى چوڭ پالاكەتكە دۇچ كېلىمىز، شۇڭا ئەردوغاننىڭ مۇقىم سىياسىي ھايات شەكىللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى قوللايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر