پۇتىننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتىئېۋ تېھراندا ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئەلى شەمھانى بىلەن كۆرۈشتى.

721838
پۇتىننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئالىي كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ئالىي كېڭىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاۋرېنتىئېۋ بىلەن شەمھانى ئۇچرىشىشتا، سۈرىيە مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئۇچرىشىشتا، ئىران سۈرىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ ھەمدە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

ئىران، رۇسىيە ۋە سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن موسكۋادا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر