پەلەستىنلىك ئايال دەپنە قىلىندى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغان ۋە جەسىتى تەخمىنەن بىر ئايدىن بۇيان گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان پەلەستىنلىك ئايال قۇددۇستا دەپنە قىلىندى.
721749
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسجىدى ئەقسانىڭ بابۇل ئامۇد دەرۋازىسى ئەتراپىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان دېگەن باھانە – سەۋەب بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىك ئايال نەمرىنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا يۈزلەرچە كىشى قاتناشتى.
پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قۇددۇستا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان دېگەن باھانە – سەۋەب بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىك ئايالنىڭ جەسىتىنىڭ تۈنۈگۈن ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.