ناتو باش كاتىپى: تۈركىيەنىڭ قوغدىنىش ھەققى بار

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەققى بارلىقىنى ئېيتتى.

721795
ناتو باش كاتىپى: تۈركىيەنىڭ قوغدىنىش ھەققى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەللەنگەن ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە دۇچ كەلگەن تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلەرنى تېپىپ چىقىرىش ھەققى بارلىقىنى ئېيتتى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ، مالتانىڭ پايتەختى ۋاللېتتا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا تۈركىيە توغرىسىدا توختالدى؛ ئۇ، تۈركىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسىلا ناتودىكى ئىككىنچى كۈچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «تۈركىيە، مەيلى گېئوئىستراتېگىيە جەھەتتە، مەيلى تۈرلۈك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقان ئىراق ۋە سۇرىيە بىلەن چېگرىداش بولۇشى جەھەتتە، مەيلى قارا دېڭىزدا رۇسىيەگە يېقىنلىقى بىلەن بولسۇن، بىزنىڭ ھالقىلىق شېرىكىمىز. تۈركىيە ناھايىتى كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. باشقا بىر ئىتتىپاقدىشىمىز بۇنداق ئىشلارغا دۇچار بولمىدى» دېدى.


خەتكۈچ: #ناتو , #تۈركىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر