«رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ تىرىشچانلىقلىرى قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى»

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

721116
«رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ تىرىشچانلىقلىرى قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شويگۇ موسكۋادا چاقىرىلغان خەلقئارا بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ ماس قەدەمدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئاستانا يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن قوراللىق ئۆكتىچىلەر ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە دىيالوگ ئورنىتىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. جۈملىدىن بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە فەتىھ ئەششام (بۇرۇنقى ئىسمى ئەننۇسرە) بىلەن ئىلمىي ئۆكتىچىلەرنى ساھەدە بىر – بىرىدىن ئايرىش مەسىلىسىدە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر