دونالد ترامپ ناتو توغرۇلۇق دېگەن گېپىدىن يېنىۋالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆز ۋاقتىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو توغرۇلۇق گېپىدىن يېنىۋالدى.

720034
دونالد ترامپ ناتو توغرۇلۇق دېگەن گېپىدىن يېنىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا پىرېزىدېنتلىق سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا نېمە ئۈچۈن «مودىسى ئۆتۈپ كەتكەن تەشكىلات»دېگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

دونالد ترامپ AP (Associated Press)نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەتتە ئورۇن ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ناتو توغرۇلۇق مەلۇماتىنىڭ يوقلىقى»سەۋەبىدىن مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى ياقلاپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا  ناتو توغرۇلۇق كۆپ مەلۇماتىم يوق ئىدى، مانھاتتاندا بىنا سېلىۋاتقاندا باشقىلار قېشىمغا كېلىپ ناتو توغرۇلۇق سوئال سورىسا تولۇق جاۋاب بېرىشىم ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس.»

دونالد ترامپ مۇنۇلارنى سۆزلەپ ئۆتتى: «مەندىن ناتو توغرۇلۇق سوئاللار سورالغىنىدا بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلدىم، بىرى ناتونىڭ مودىسى ئۆتۈپ كەتتى، دېدىم، لېكىن ئۆز ۋاقتىدا ناتو توغرۇلۇق تۈزۈك بىر نەرسە بىلمەيتتىم، ھازىر كۆپ نەرسە بىلىمەن، ئىككىنچىسى، ناتو تېررورىزىمغا مەركەزلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن مودىسى ئۆتۈپ كەتتى، دېدىم. ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، ناتو قۇرۇلغاندا تېررورىزىم دەپ بىر نەسە يوق ئىدى.»

دونالد ترامپ  ئامېرىكىنىڭ ناتودىكى باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بەدەل پۇلى تۆلىشىنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دونالد ترامپ پىرېزىدېنت بولۇشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىمۇ ناتونىڭ مودىسىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى يەنە بىر  قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەندە، گېرمانىيە باش مىنىستىر مېركېل دونالد  ترامپنىڭ بۇ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «تەقدىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىلكىدە.»

دونالد ترامپ ناتو باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگ بىلەن 12-ئاپرېلدا پايتەخت ۋاشىنگىتوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ناتو توغرۇلۇق دېگەن گېپىنى «ناتو مودىسى ئۆتۈپ كەتكەن تەشكىلات ئەمەس»دېگەن گەپكە ئۆزگەرتتى.

دونالد ترامپ باش كاتىپ  سىتولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندە «تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەردە ناتونىڭ نېمىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقى  مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرى»نى ئېيتىپ، «بۇرۇن ناتوغا نارازىلىقىمنى بىلدۈردۈم،كېيىنچە ناتومۇ بەزى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر