فىرانسىيەدە بىرىنچى سايلام ئاخىرلاشتى

فىرانسىيەدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ 1-ئايلانمىسىدا، بېلەت تاشلانغاندىن كېيىنكى ئەلرايى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، يۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېمانۈئېل ماكرون بىلەن مىللىي ئالدىنقى سەپ (FN) پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماغىن لۆپېن يۇقىرى ئاۋاز

719048
فىرانسىيەدە بىرىنچى سايلام ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى سايلامدا، سايلامغا قاتناشقان ھېچقايسى نامزات پىرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن شەرت بولغان %50 ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېمانۈئېل ماكرون %23.7 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئالدىنقى ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن. ئاشقۇن ئوڭچى مىللىي ئالدىنقى سەپ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماغىن لۆپېن %21.7 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئىككىنچى بولغان. فىراسىيەدە تۇنجى قېتىم مەركىزىي ئوڭ ۋە مەركىزىي سولدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە سايلامدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن.

بىرىنچى سايلامدا ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن ماكرون بىلەن لۆپېن 7-مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى سايلامدا رىقابەتلىشىدۇ. بىرىنچى سايلامنىڭ نەتىجىلىرى ئاساسىي قانۇن كېڭىشى تەرىپىدىن 26-ئاپرېل (چارشەنبە) شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 20:00 دە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 24:00 دە ئېلان قىلىنىدۇ.

يۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئېمانۈئېل ماكرون پارىژدا خەلققە خىتاب قىلغاندا، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئەھۋالدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇ: «بارلىق فىرانسۇزلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپەم بولىدۇ. كۈچلۈك فىرانسىيە بىلەن ياۋروپانى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەتلىرىمنىڭ ئىچىدە» دېدى.

مىللىي ئالدىنقى سەپ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماغىن لۆپېن غەيرىي رەسمىي نەتىجىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنى قوللىغان ئاممىغا خىتاب قىلدى. ئۇ: «تۇنجى قەدەم ئەمەلگە ئاشتى، بۇ قولغا كەلگەن ياخشى پۇرسەتتۇر. ۋەھشىيلىككە تولغان يەر شارىلىشىش مەدەنىيىتىمىزگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىككىنچى سايلامنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنتايىن مۇھىم سايلام ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «يا بۇرۇنقىغا ئوخشاش دۇنياۋى كۆچ، تەرتىپسىزلىك ۋە تېررورىستلار ئەركىن لاغايلاپ يۈرۈيدىغان تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىغا، ياكى كىملىكىڭلارنى قوغدايدىغان، چېگرالار تاقالغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەن بىر فىرانسىيەنى تاللايمىز» دېدى.

فىرانسىيە سىياسەتچىلىرى ئىككىنچى سايلامدا رادىكال ئوڭچى لۆپېننىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقماسلىقى ئۈچۈن ماكرونغا بېلەت تاشلاشنى چاقىرىق قىلدى. بۇ چاقىرىققا، فىرانسىيە باش مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى، پارىژ شەھەر باشلىقى، سابىق باش مىنىستىر مانۈئېل ۋوللس قاتارلىقلارمۇ ئاۋاز قوشتى.

«France 2» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئەلرايى نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىككىنچى سايلامدا ماكرون %62 ئاۋازغا، لۆپېن %38 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

ئىككىنچى سايلامدا غەلىبە قىلغان نامزات 14-ماي پىرېزىدېنت فرانسۇا ئولاندتىن پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر