يەمەندە ئېغىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
يەمەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەدەن ۋىلايىتىنىڭ ھەدىد تېغى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 10 دىن ئارتۇق يەمەن ئەسكىرى ئۆلدى.
718664
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي مەنبەلەر، ھەدىد تېغى ئەتراپىدىكى قورال ئىسكىلاتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا يەنە نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، پارتلاشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، ھۇسىيلارنىڭ يەمەندىكى ئىلگىرىلىشىنى توختىتىش ئۈچۈن، 2015 – يىلى 26 – مارتتا «ئىرادە بورىنى» ناملىق ھاۋا ھەرىكىتىنى باشلىغان، ھەرىكەت باشلىنىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھەدىد تېغى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغانىدى.