تۈركىيەنىڭ سەلانىك كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى ساقچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرىدىكى تۈركىيە كونسۇلخانا بىناسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ساقچىلار ئاتەشتوپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

718663
تۈركىيەنىڭ سەلانىك كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى ساقچىلار ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەندە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە، يۈزلىرىگە ماسكا تاقىۋالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر كونسۇلخانا ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ساقچىلارغا ئاتەشتوپ ئاتقان؛ ئاتەشتوپلارنىڭ بىرى پارتلىغان بولسىمۇ، ھۇجۇمدا بىرمۇ ئادەم يارىلانمىغان ۋە ھېچقانداق ئىقتىسادىي زىيانمۇ كۆرۈلمىگەن.

سەلانىكتە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كونسۇلخانا ئالدىدىكى ساقچى بوتكىسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر