سۈرىيەدە يەنە بىر دوختۇرخانا بومباردىمان قىلىندى
سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىدلىب شەھىرىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان ئابىدىن يېزىسىدىكى بىر دوختۇرخانا بومباردىمان قىلىندى.
718643
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئىدلىب شەھىرىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان ئابىدىن يېزىسىدىكى بىر دوختۇرخانا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، دوختۇرخانىنىڭ خىزمەتلىرى توختاپ كەتتى.
سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى فەرراس جۇندى، دوختۇرخانىدىكى نۇرغۇن بىمار ۋە سەھىيە خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ سەھرا دوختۇرخانىلىرىغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.