كولومبىيەدە زور كۆلەملىك تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

كولومبىيەنىڭ كالداس رايونىنىڭ پايتەختى مانىزالېستا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 17 گەتتى.

717041
كولومبىيەدە زور كۆلەملىك تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىددەتلىك ھۆل – يېغىن داۋاملىشىۋاتقان رايوندا يوقاپ كەتكەن 8 ئادەمنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا. كولومبىيە پىرېزىدېنتى جۇان مانۇئېل سانتوس جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ئاپەت رايونىغا بېرىپ، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ، 80 ئەتراپىدا ئۆي – ماكاننىڭ تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مانىزالېس شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى جوزې ئوكتاۋىئو كاردونامۇ بايانات بېرىپ، شەھەرگە بىر كېچىدە بىر ئايدا ياغقۇدەك يامغۇرنىڭ ياغغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ جەرياندا، 25 مەھەللىسى تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان مانىزالېسنىڭ بەزى جايلىرىدا توك، سۇ ۋە تەبىئىي گاز توختاپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر