كونگودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

كونگو دېموكراتىك جمھۇرىيىتىدە سۇدانلىق بۆلگۈنچىلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 10 غا يېقىن خادىمىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

716050
كونگودا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش كۈچىنىڭ شىمالىي كىۋۇ ئىشتاتى ۋەكىلى دانىئېل رۇئىز، مۇنىگى رايونىدىكى تىنچلىق ساقلاش كۈچى بازىسىدا تەخمىنەن 10 خادىمنىڭ جەنۇبىي سۇدان بۆلگۈچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۆلگۈچىلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتماسلىق ئۈچۈن بۇ خادىملارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رۇئىز، ئۇگاندا، كېنىيە ياكى ئېفىيوپىيەگە كېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بۆلگۈچىلەر بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇنىگى لاگېرىدا جەنۇبىي سۇدانلىق تەخمىنەن 150 بۆلگۈنچى بار ئىكەن.

جەنۇبىي سۇدان بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەتلىرى ئۆتكەن ھەپتە سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت رىئېك ماچارغا قاراشلىق سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى – شىمالىي تەشكىلاتىدىكى 8 بۆلگۈنچىنى دۆلەتلىرىگە قايتىشقا قايىل قىلىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر