ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا ماي دۆلىتىنىڭ مۇقىملىققا ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىككە ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

715308
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا ماي بۇ يىل 8-ئىيۇندا بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش ۋەزىر تېرېسا ماي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىدىن كېيىن دۆلىتىنىڭ «مۇقىملىققا ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىككە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى»ئېيتىپ ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ بالدۇر سايلام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ۋېتتمىنستېردە ئايرىلىشنىڭ ئورنىغا بىرلىككە ئېھتىياجىمىز بار»دېگەن تېرېسا ماي، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپائىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسىدە توغرا پىلانى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تېرېسا ماي ئەنگلىيەدە 8-ئىيۇندا بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپ لايىھەنى 19-ئاپرېلدا ئاۋام پالاتاسىغا سۇنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەنگلىيەدىكى راي سىناشلارغا قارىغاندا تېرېسا ماينىڭ مۇھاپىزەتچىلەر پارتىيەسى ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئالدىدا ئىكەن.

بۇ ئۈستۈنلۈكلەرنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تولۇق ئايرىلىپ چىقىشىدىن ئىلگىرى تېرېسا ماينىڭ ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر