سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، بېلارۇسىيە، ۋېنگرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

714976
سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، رېفېراندۇم غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئەردوغاننىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ تۈركىيە خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن، بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالاكساندېر لۇكاشېنكو ۋە ۋېنگرىيە پىرېزىدېنتى ۋىكتور ئوربان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شېرىف جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مىللىي بىرلىك سېپىنىڭ مەسئۇلى ئەنەس ئەلئەبدەمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر