«پۈتكۈل دۇنيا رېفېراندۇم نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم»

قوشنا دۆلەتلەر 16 – ئاپرېل ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش رېفېراندۇمى نەتىجىلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

715527
«پۈتكۈل دۇنيا رېفېراندۇم نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم»

 

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ تۈركىيە خەلقىنىڭ رېفېراندۇم قارارىغا ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ تۈركىيە خەلقىنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بىز قوشنا دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دېموكراتىيەسىنى قوللايمىز.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بەھرام قاسىمى، «بىز تۈركىيە خەلقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قوبۇل قىلغان بارلىق قارارلارغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر