بىر ئافغان گېنېرال تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىنىڭ خانئاباد ناھىيەسىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر گېنېرال ھاياتىدىن ئايرىلدى.

715587
بىر ئافغان گېنېرال تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇندۇزدىكى 808- سپىنزېر رايون قوماندانى شىر ئەزىز كاماۋال، تالىبان تېررورچىلىرىنىڭ خانئاباد تاش يولىدىن قۇندۇز مەركىزىگە كېتىۋاتقان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى باغلان ۋىلايىتى كوردىناتسىيە ئىشخانىسى باشلىقى گېنېرال ئابدۇلھەي ئاتائىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر مۇھاپىزەتچىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان تالىبان بولسا، ۋەقەدە گېنېرال ئاتائىدىن باشقا 4 ئەسكەرنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر