ئامېرىكا: شىمالىي كورېيەگە قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك سەۋرىمىز تۈگىدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالىغا قىلغان «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرى» نىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئېيتتى.

714343
ئامېرىكا: شىمالىي كورېيەگە قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك سەۋرىمىز تۈگىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى پېنس، ئاسىيا ساياھىتى دائىرىسىدە جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيەنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ھەربىيدىن خالىي رايوننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ، مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن ۋاز كېچىشكە يېقىنلاشمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سەۋر قىلىش دەۋرى ئاخىرلاشتى» دېدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ دەسلەپكى يادرو قورالىنى سىناق قىلىشىدىن بۇيان يېرىم ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەزگىلدە ئىستراتېگىيەلىك سەۋر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن پېنس، «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشنى نىشان قىلغان پەرۋاسىز يولدىن ئايرىلغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايمىز. ئۇنىڭ يەنە، داۋاملىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشى ۋە سىناق قىلىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى بومبا قويۇپ بېرىشىگە «ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش» دەپ باھا بەرگەن پېنس، «ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى، جەنۇبىي كورېيەنى قوغداش ۋە رايوندا مۇقىملىق يارىتىش نىشانلىرىغا يا تىنچلىق يولى بىلەن ياكى ئەڭ ئاخىرىدا نېمە قىلىش كېرەك بولسا، ئۇنى قىلىش ئارقىلىق يېتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر