سۈرىيەلىكلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

سۈرىيەنىڭ ھەلەب رايونىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ 100دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.

713439
سۈرىيەلىكلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە قورشاۋ ئاستىدىكى رايونلاردىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللار ھۇجۇمغا ئۇچراپ 100دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.

سۈرىيەدە قورشاۋ ئاستىدىكى رايونلاردىن خەلق ۋە ئەسكەرلەرنى تارقاقلاشتۇرغان ئەترەتلەر كونترول ئېغىزلىرىدا كۈتۈۋاتقان ئەسنادا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم مەيدانغا كەلدى.

ھەلەب مۇداپىئە ئىشلىرى مۇدىرى ئاممار ئەل-سەلەمو بۇ ۋەقە ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سائەت 16دا راشىدىن رايونىدىكى كونترول ئېغىزىدا پارتلاش مەيدانغا كەلدى. مۇداپىئە ئىشلىرى خادىملىرى نەق مەيدانىغا يېتىپ بارغاندا، 100دىن ئارتۇق كىشى ئۆلۈپ بوپتۇ. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى فۇئا ۋە قەفرەيالىق ئايال ۋە بالىلار ئىكەن.»

مۇداپىئە ئىشلىرى ئەترەتلىرىنىڭ 40 يارىدارنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىنى ئېيتقان سەلەمو يەنە مۇنداق دېدى: «ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى مەيدانغا كەلدى، ئاپتوبۇسلار كۆيۈپ كەتتى، مۇداپىئە ئەترەتلىرى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشتى، نەق مەيداندا خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.»

سەلەمو نۇرغۇن جەسەتنىڭ كۆيۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كىملىكلىرىنى ئېنىقلاپ چىقالمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا ئىدلىبتە ئۆكتىچىلەرنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى فۇئا بىلەن قەفرەيادىن ئېلىپ چىقىرىلغانلارنى قوغداپ ماڭغان مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ئىچىدىمۇ ئۆلگەنلەرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بەزى ئېغىر يارىدارلار تۈركىيەدە داۋالىنىش ئۈچۈن ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى جىلۋەگۆز چېگرا تاموژنىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بابۇل چېگرا ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر