ئامېرىكا دائېشقا «پۈتكۈل بومبىلارنىڭ ئانىسى» نى تاشلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ دائېشقا زەربە بېرىش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ يادرودىن خالىي ئەڭ كۈچلۈك قورالى سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن GBU-43/B ناملىق بومبىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، ئافغانىستاندا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى «يادرودىن خالىي ئەڭ چوڭ بومبىسى» GBU-43/B نى ئىشلىتىپ ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستان قورال ئىسكىلاتىدىكى GBU-43/B، «پۈتكۈل بومبىلارنىڭ ئانىسى» ھېسابلىنىدۇ.
پېنتاگون تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بومبىنىڭ دائېش قوغدىنىۋاتقان بىر قاتار ئۆڭكۈرلەرنى يوقىتىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، «ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۈچلىرى شۇ جاي ۋاقتى 19 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە دائېشنىڭ نانگارھار ۋىلايىتىنىڭ ئاشىن رايونىدىكى بىر قاتار تونېللىرىغا مۇداخىلە قىلدى» دېيىلدى.
ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى، بومبىنى رايوندىكى ئامېرىكا ۋە ئافغانىستان قىسىملىرىغا ئەڭ ئاز خەۋپ يەتكۈزىدىغان شەكىلدە پىلانلاپ تاشلانغانلىقىنى، پۇقرالارغا زىيان يېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بارلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
2003 – يىلىدىن باشلاپ ئۇرۇش قوراللىرى سېپىگە كىرگەن GBU-43/B ناملىق ئالاھىدە بومبا، دۇنيانىڭ يادرودىن خالىي ئەڭ كۈچلۈك قورالى سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئافغانىستاندا بىر جەڭدە ئىشلىتىلگەن بولدى.