مۇسۇلدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا مىڭدىن ئارتۇق ئۆي - ماكان ۋەيران بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا مىڭدىن ئارتۇق ئۆي – ماكاننىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

712775
مۇسۇلدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا مىڭدىن ئارتۇق ئۆي - ماكان ۋەيران بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ھەرىكتلىرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەيرانچىلىقنىڭ شەھەرنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەيرانچىلىقتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ئىشلار ماسلاشتۇرغۇچىسى لائىز گراند مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە مىڭدىن ئارتۇق ئۆي – ماكاننىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، تەخمىنەن 300 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، يەنە مىڭلارچە كىشىنىڭ شەھەردىن قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا مەكتەپلەر، ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرى، توك ۋە سۇ مۇئەسسەسەلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ۋەيران بولغانلىقىنى قەيت قىلغان گراند، تەرەپلەرگە ئىنسانلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش قانۇنى دائىرىسىدە پۇقرالار ھەم مۇئەسسەسەلەرنى قوغداش مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى خاتىرىلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر