تىللېرسوننىڭ موسكۋا زىيارىتىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى گەۋدىلىك ئىپادىلەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ موسكۋا زىيارىتىدە سۈرىيە كىرىزىسى ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى.

711505
تىللېرسوننىڭ موسكۋا زىيارىتىدە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى گەۋدىلىك ئىپادىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا بىرىنچى قېتىم زىيارەتتە بولغان رېكس تىللېرسون رۇس مەنسەپدېشى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئۈچ سائەت سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، كرېمىل سارىيىدا پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى؛ لاۋروۋمۇ ئىشتىراك قىلغان كرېمىلدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، لاۋروۋ بىلەن تىللېرسون قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سېرگېي لاۋروۋ، غەرب ئەللىرىنىڭ دىققىتىنى بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن قول ئۈزۈشىگە مەركەزلەشتۈرۈشىنى ئەيىبلىدى ۋە ئەسەدنىڭ كېتىشىنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا پايدىلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئۆتكەن ھەپتە ئىدلىبقا يېقىن جايغا قىلىنغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ ب د ت  تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى  توغرىسىدىكى تەلىپىنى تەكرارلىغان ھالدا، تەكشۈرۈش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، جاۋابكارلىقنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئارتىلماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن قول ئۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بولسا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىغا دائىر ئىشارەتلەرنىڭ ئەسەدنى سوتلاش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىنى تەقەززا قىلىدىغان نۇقتىغا يېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىماي، ھېلىھەم بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئۈمىدى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، رۇسىيەنىڭ ھەر جەھەتتە ۋاشىنگتون بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تىللېرسونمۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىشەنچنىڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سۈرىيەگە قانۇنسىز ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئۇ، دونالد ترامپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر