شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇن ئارمىيەگە ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردىمۇ؟

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇننىڭ پىيوڭياڭنى دەرھال بوشىتىش ۋە ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇش توغرۇلۇق بۇرۇق چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

711746
شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭئۇن ئارمىيەگە ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹پراۋدا› گېزىتى» نىڭ شىمالىي كورېيە تاراتقۇلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرغان ۋە دۆلەتتە سىگناللار چېلىنىشقا باشلىغان. جەنۇبىي كورېيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېگرانىڭ قارشى تەرىپىدە خەلق پاناھ جايلارغا ئورۇنلىشىشقا باشلىغان. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ  يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشىنى قىزىل سىزىق ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى دۆلەتتىكى چەت ئەللىك  ئاخبارات خادىملىرىدىن «پەيشەنبە كۈنى ناھايتى چوڭ ۋە مۇھىم بىر ۋەقە» ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

تاشقى دۇنياغا ئىشىكلىرىنى تاقىۋالغان پىيوڭياڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي قورال - ياراغ سىناقلىرىدىن بۇرۇن ئاخبارات خادىملىرىنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلەت 15 – ئاپرېل كۈنى شىمالىي كورېيەنىڭ قۇرغۇچىسى كىم ئىلسۇڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 105 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىغا تەييارلانماقتا. بۇ مۇراسىملار ئادەتتە ھەربىيلەرنىڭ پاراتلىرىغا ۋە يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان قورال – ياراغلارنىڭ سىناق قىلىنىشىغا سەھنە بولماقتا.

ئامېرىكا بىر دېڭىز ئارمىيە ئەترىتىنى كورېيە  يېرىم ئارىلىغا ئەۋەتكەندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭمۇ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى بۇ ئەترەتكە قېتىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. جەنۇبىي كورېيە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ «تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھۇجۇمى» نى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي كورېيە چېگراسىغا 150 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىلگەنلىكىنى رەت قىلدى. مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، شىمالىي كورېيە توغرۇلۇق سۈركىلىش مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ھەمدە پىيوڭياڭ چېگراسىغا 150 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنىڭ «قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دوكلاتلار» دىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى تەكرار تەكىتلەنگەن باياناتتا، يېرىم ئارالنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەر بالدۇرراق سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشقا چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر