رۇسىيە 3 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم تۆلەيدۇ

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكمىسى رۇسىيەنىڭ 2004 – يىلى بېسلان شەھىرىدە كۆپىنچىسى نارىسىدە بالا بولۇپ، 331 كشى ئۆلگەن مەكتەپنى قورشاش ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مەكتەپكە بېسىپ كىرىشى جەريانىدا جىددىي خاتالىق سادىر قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

712185
رۇسىيە 3 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم تۆلەيدۇ

ۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە  شۇ قېتىمقى ۋەقەدە قازا قىلغانلار ۋە ساق قالغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا 3 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم تۆلەيدۇ.

BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى رۇسىيەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى» يۈز بېرىىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاخبارات تاپشۇرۇۋالغان بولۇشىغا قارىماي، «تېررورىستلارنىڭ يىغىلىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللانمىغان» ۋە «مەكتەپتىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىمىگەن» لىكىگە ھۆكۈم قىلغان.

مەكتەپلەر ئېچىلغان كۈنى چېچېنلەر كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ۋاسكېتبول جازىسىغا پارتلاتقۇچلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان تەنتەربىيە زالىدا گۆرۈگە ئېلىۋالغانىدى.

مەكتەپنى قورشىۋالغانلار رۇسىيەنىڭ چېچېنىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى.

ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندا، قورشاۋ رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بىناغا بېسىپ كىرىشى ۋە ئىككى قېتىملىق قاتتىق پارتلاشتىن كېيىن ئاخىرلاشقانىدى.

مەكتەپنى قورشىۋالغانلاردىن پەقەت بىرلا كىشى تىرىك قولغا چۈشكەنىدى، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلاردىن ساق قالغان كىشىلەر دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مەكتەپكە بېسىپ كىرىش جەريانىدا ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋە رۇسىيە داۋاملىق تەكشۈرگەن، ھاياتىدىن ئايرىلغان 331 كىشىدىن 186 سىنى بالىلار تەشكىل قىلىدىغان ۋەقە توغرۇلۇق رۇسىيەلىك ھېچبىر ئەمەلدار جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانىدى.

شۇ قېتىمقى ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ساق قالغانلار شۇ قېتىمقى قورشاۋنى تېخىمۇ ئاز كىشىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە ھەمدە جاۋابكارلارنىڭ تېپىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

400 دىن ئارتۇق كىشى بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش مەقسىتىدە فىرانسىيەنىڭ ستراسبۇرگ شەھىرىدىكى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغانىدى.

قارارغا ئالاقىدار رۇسىيەنىڭ ئىنكاسى بولسا كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋدىن كەلدى.

پېسكوۋ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسنىڭ ھۆكمىگە قارشى قانۇنىي جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئۆتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»

رۇسىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دائىرىلىرىمۇ مەزكۇر ھۆكۈمنى بىكار قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز سۇنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر