خىتاي شىمالىي كورېيە چېگراسىغا ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىنى رەت قىلدى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە چېگراسىغا 150 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىلگەنلىكىنى رەت قىلدى.

712004
خىتاي شىمالىي كورېيە چېگراسىغا ئەسكەر يۆتكىگەنلىكىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، شىمالىي كورېيە توغرۇلۇق سۈركىلىش مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ھەمدە پىيوڭياڭ چېگراسىغا 150 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىگە ئالاقىدار دەۋالارنىڭ «قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دوكلاتلار» دىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى تەكرار تەكىتلەنگەن باياناتتا، يېرىم ئارالنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەر بالدۇرراق سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشقا چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر