تەيۋەن ئىت - مۈشۈكنىڭ گۆشىنى يېگۈچى ۋە ساتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان ئىقتىسادىي جازانى ئېغىرلاشتۇردى

تەيۋەن دائىرىلىرى ئىت – مۈشۈكلەرنىڭ گۆشلىرىنى يېيىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۈلۈشىنى مەنئىي قىلدى.

711014
تەيۋەن ئىت - مۈشۈكنىڭ گۆشىنى يېگۈچى ۋە ساتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان ئىقتىسادىي جازانى ئېغىرلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايۋاناتلارنى قوغداش قانۇنىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە ھايۋانلارنى قىينىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازانى ئېغىرلاشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى قوبۇل قىلىندى. يېڭى قانۇندا ھايۋانلارنى ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا باغلاپ يۈگۈرتۈشمۇ چەكلەندى.

يېڭى قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئىككى يىللىق قاماق جازاسى؛ ئىت – مۈشۈك گۆشىنى ساتقۇچى ياكى يېگۈچىلەرگە 250 مىڭ تەيۋەن دوللىرى (8 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا)؛ ھايۋانلارنى ماشىنىلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشكە مەجبۇرلىغۇچىلارغا 15 مىڭ تەيۋەن دوللىرى (500 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا) ئىقتىسادىي جازا بېرىلىدىكەن.

ھايۋانلارنى قىينىغانلىقى دەلىللەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىسىم ۋە فوتو – سۈرەتلىرى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنىدىكەن.

ئىلگىرىكى چاغلاردا ئىت گۆشى كەڭ دائىرىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان تەيۋەندە، 2001 – يىلى ئىت – مۈشۈك دېگەندەك ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشلىرى ۋە تېرىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەقسەتتە سېتىلىشى چەكلەنگەنىدى.

ھەر يىلى ئىيۇن ئېيىدا مىڭلارچە ئىت رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلىدىغان خىتاينىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يۈلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئىت گۆشى بايرىمى» دۇنيا مىقياسىدىكى ھايۋان ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

ھايۋان سۆيەرلەر، ھەر يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىگە «ئىنسان قېلىپىدىن چىققان» دەپ تەرىپلىگەن بايرامنى توختىتىش ئۈچۈن چاقىرىپ قىلىپ، ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر