سىتېفان دۇجاررىك: «سۈرىيە خەلقى يەنە قانچىلىك ئازاب چېكىشى كېرەك؟»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى سىتېفان دۇجاررىك سۈرىيە مەسىلىگە ھەل قىلىش چارىسى تاپالمايۋاتقان دۆلەتلەرگە نارازىلىقى بىلدۈرۈپ شۇنداق دېدى.

710915
سىتېفان دۇجاررىك: «سۈرىيە خەلقى يەنە قانچىلىك ئازاب چېكىشى كېرەك؟»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى سىتېفان دۇجاررىك سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىق ئەتراپىدىكى يېزىلاردا قاپسىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىتېفان دۇجاررىك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەرقىي غوتەدىكى بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتقان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالدى. ھاۋادىن قىلىنىۋاتقان قاتتىق ھۇجۇملارنىڭ نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «شەرقىي غوتەدە قاپسىلىپ قالغان 400 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز» دېدى.

باياناتچى سىتېفان دۇجاررىك ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدىن بۇيان يۈك ئاپتومۇبىلىرىنىڭمۇ رايونغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن يېمەك – ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ناۋايخانىلارنىڭمۇ تاقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىنسانىيەتكە خىلاپ بۇ ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىشدىن بۇرۇنراق ياردەم بويۇملىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولدى.

سۈرىيەدە 6 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا ۋارىل بومبىلار ۋە ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتقانلارنىڭ يەنىلا بىگۇناھ پۇقرالار بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەتكەن سىتېفان دۇجاررىك، بۇ مەسىلىگە ھەل قىلىش چارىسى تاپالمايۋاتقان دۆلەتلەرگە نارازىلىقى بىلدۈرۈپ: «ئۈستەلدە ئولتۇرغانلارنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش جەھەتتە ھەرىكەتكە ئۆتىشى ئۈچۈن سۈرىيە خەلقى يەنە قانچىلىك ئازاب چېكىشى كېرەك؟» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر