لاۋروۋ: ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قىلغان ھۇجۇمى خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قالغانلىقتۇر

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىر رېكس تىللىېرسون بىلەن پايتەخت موسكۋادا تۈنجى قېتىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

711023
لاۋروۋ: ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە قىلغان ھۇجۇمى خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قالغانلىقتۇر

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاۋروۋ رېكس تىللىېرسون بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئاخباراتچىلارغا ئوچۇق قىسمىدا  ئامېرىكىنىڭ 7 – ئاپرىلدا سۈرىيەگە قىلغان ھۇجۇمىغا «خەلقئارا قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى» دەپ باھا بەردى.

سېرگېي لاۋروۋ بۇ خىل ھۇجۇمغا قايتا رۇخسەت قىلىنماسلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. تېررورىزمغا قارشى كەڭ دائىرىلىك ئىتتىپاقداش قىسىم قۇرۇلۇشىغا دائىر تىللېرسون بىلەن ئوچۇق - يورۇق ۋە دۇرۇس بىر شەكىلدە مانازىرە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىلەن ھەممىلا تەرەپ باراۋەر بولىدىغان شەكىلدە ئىجابىي دىيالوگ ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى نۇرغۇن قېتىم تەكرارلىغانلىقىنى قەيت قىلغان لاۋروۋ، تېررورىزمغا قارشى كوللىكتىپ قەدەملەرنى تاشلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ رېكس تىللېرسون بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئىجابىي ئۇچرىشىشىدا، ئاقساراي دائىرىلىرىنىڭ ھەقىقىي نىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تىللېرسونمۇ ئۇچرىشىشنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتۇرىسىدا كەسكىن ئوخشىماسلىقلارنىڭ بولىشىدىكى سەۋەبلەرنى چۈشىنىش ھەمدە بۇ پەرقلەرنى يوقۇتۇشنىڭ بىر يولىنى تېپىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ قەيەرگىچە بارىدىغانلىقىنى بەلگلەش ئۈچۈن ئوچۇق - ئاشكارا ۋە سەمىمىي بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان تىللېرسون، ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەت لىنىيەلىرىنىڭ ھەر دائىم ئوچۇق قېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر