ب د ت باش كاتىپى ھايتىدىكى ب د ت ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش تەكلىپىنى بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس ھايتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش تەكلىپىنى بەردى.

710822
ب د ت باش كاتىپى ھايتىدىكى ب د ت ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش تەكلىپىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس 13 يىلدىن بېرى ھايتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش تەكلىپىنى بەردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھايتىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يىغىن چاقىردى.

باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېرېس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا دوكلات بېرىپ، 13 يىلدىن بېرى ھايتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ تەكلىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىغا بېرىدىغان ھەربىي چىقىمنى ئازايتىشنى بىلدۈرگەندىن كېيىن بېرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق 7 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق سەرپ قىلىنىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ چىقىمىنىڭ %28.5نى ئامېرىكا قامدايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي دې، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆز قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ھايتىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ھالېي، ب د ت ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىپ بۇنىڭ ئورنىغا ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتۈشىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالېي ھايتىدىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ 6 ئايغىچە ھايتىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىنىڭ ئەتە ئۆتكۈزۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھايتىدا 2300دىن ئارتۇق ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ يىللىق چىقىمىنىڭ 360 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر