ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدار، لىۋىيەنى ئۈچكە پارچىلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياردەمچىلىرىدىن سېباستىئان گوركا، لىۋىيەنى ئۈچكە پارچىلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

709187
ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدار، لىۋىيەنى ئۈچكە پارچىلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار تازىلىق قەغىزىگە سىزغان بىر پارچە خەرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، لىۋىيەنى ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋردىكى ئۈچ ئايرىم رايوننىڭ چېگرالىرى بويىچە پارچىلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «گۇاردىئان» گېزىتىنىڭ ستېفانې كىرچاگائېسنېر ۋە جۇلىئان بورگېر ئىمزالىق خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياردەمچىلىرىدىن سېباستىئان گوركا، ياۋروپالىق دىپلوماتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، بىر تازىلىق قەغىزىگە سىزغان خەرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، لىۋىيەنى ئۈچكە پارچىلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىلانغا ئاساسەن، ترابلۇس ۋە توبرۇك دېڭىزغا تۇتاش ترابلۇسغەرب ۋە سىرېنايكا ئىسىملىك ئىككى ئايرىم دۆلەت بولىدىكەن، چاد چېگراسىغا يېقىن فىزان رايونىدا ئايرىم بىر دۆلەت قۇرۇلىدىكەن.

ترامپنىڭ لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان گوركا، «ئاشقۇن ئىسلامغا قارشى» پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان بىرى.

لىۋىيەدە 2011 – يىلىدىكى ئامېرىكا ھىمايىسىدىكى مۇداخىلىدىن كېيىن مۇئەممەر قەددافىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن كۈچىيىپ كەتكەن توقۇنۇشلار ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

«گۇاردىئان» نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن مۇتەخەسسىلەر، لىۋىيەنى ئۈچكە پارچىلاشنىڭ رايونلار ئارىسىدىكى نېفىت زاپاسلىرى يۈزىسىدىن چېگرا توقۇنۇشلارنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر