خامەنېي: ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق ئۆتكۈزدى

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا «ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق» دەپ باھا بەردى.

709399
خامەنېي: ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تېھراندا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن خامەنېي، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلار باشلىغان 2011 – يىلى مارت ئېيىدىن بۇيانقى سۇرىيە ئارمىيەسىگە قىلغان تۇنجى ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى. «ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىلغىنى ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق، ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇنقىلارنىڭ خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماقتا» دېگەن خامەنېي، ۋاشىنگتوننىڭ رايوندىكى تېررورلۇقنى قوللاۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ، «ئامېرىكىلىق سابىق ئەمەلدارلار دائېشنى ياراتتى ياكى دائېشقا ياردەم قىلدى؛ ھازىرقىلارمۇ دائېش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش گۇرۇپپىلارنى قايتىدىن جانلاندۇرماقتا» دېدى.

سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىگە يېقىن جايدىكى شەيرات ھاۋا ئارمىيە بازىسى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاق دېڭىزدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن قويۇپ بېرىلگەن 59 دانە توماخاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلىنغان، ھۇجۇمدا 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر