«ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايتى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايتى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

708493
«ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايتى زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فلورىدادا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ترامپ، ئۆزىگە ئائىت مارا لاگو مۇئەسسەسەسىدە شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇچرىشىشلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلدۇق. چوڭ – چوڭ  مەسىلىلەرنىڭمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىگە جاۋاب بەرمىگەن ترامپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى نىشان قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇم توغرىلىقمۇ توختالمىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ترامپنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشلاردا، خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئىككى تەرەپلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتلىرى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرۇلۇق توختالمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپنىڭ ئامېرىكا ھەيئىتى بىلەن خىتاي ھەيئىتى قاتنىشىدىغان كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىنلا شى جىنپىڭغا ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ترامپ سايلام سەۋەرپەرلىكى جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا زىيانلىق ھالەتتە داۋاملاشقانلىقىنى، شۇڭا، پىرېزىدېنت بولغان تەقدىردە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نەزىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشىگە مەركەزلەشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر