باش مىنىستىر يىلدىرىم شىۋېتسىيەگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن كەسپدىشى ستېفان لۆفۋېنگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

708423
باش مىنىستىر يىلدىرىم شىۋېتسىيەگە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم تېلېگراممىسىدا، تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن شىۋېتسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بايانتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى سەۋەبىدىن مەسۇم پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىنىشىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇنداق ھۇجۇملارغا كۆپ قېتىم دۇچ كەلگەن تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقى شىۋېتسىيە ۋە شىۋېتسىيە خەلقىنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز، ھەمدە قايسى خىلدىكىسى بولسا بولسۇن، بارلىق تېررورغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن، دوستلىرىمىز بىلەن، ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىمىزنى تەكرارلايمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter  سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «يۈرىكىمىز داۋاملىق شىۋېتسىيە خەلقىنىڭ يۈرىكى بىلەن بىرلىكتە سوقىدۇ. ھەممىمىز تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مەجبۇرمىز.»

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا بىر زوراۋاننىڭ يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن ناھايتى چوڭ بىر سودا سارىيىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 4 كىشى قازا قىلغان، 15 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر