ياۋروپانى قانغا بوياۋاتقان تېررورىستلارنى غەرب ئەللىرى قويۇپ بېرىۋاتىدۇ

ياۋروپانى قانغا بوياۋاتقان تېررورىستلارنى ئەنقەرە تاپشۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلار قويۇپ بېرىۋاتىدۇ.

708269
ياۋروپانى قانغا بوياۋاتقان تېررورىستلارنى غەرب ئەللىرى قويۇپ بېرىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ياۋروپا ئەللىرىدىن سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. تۈركىيە دائىرىلىرى يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدە ياۋروپا ئەللىرىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان كۆپ ساندىكى دائېش ئەزاسىنى ئۇلار ھۇجۇم نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن خېلىلا بۇرۇن سۈرىيەگە بېرىشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا تۇتۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇپ بەرگەن، بىراق بۇ تېررورىستلار ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەنىدى.

2015 – يىلى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژنى قانغا بويىغان تېررورىست، پارىژدىكى ھۇجۇملارنى پىلانلىغان تېررورىست، بىريۇسسېلدىكى مېترو بېكىتى ھۇجۇمىنى پىلانلىغان تېررورىست، پارىژدىكى دۇنياغا داڭلىق نوترې دامې چوڭ چېركاۋىغا بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالغان دائېش مەنسۇبى ئايال تېررورىست قاتارلىقلار تۈركىيە قايتۇرۇپ بەرگەن تېررورىستلارنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر