ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەگە 59 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدىكى شەريات ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا 59 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەيرات ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا 59 Tomahawk ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى، ھۇجۇمدا سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ 4 ئەسكىرى ئۆلدى.
باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھۇمۇس ئەتراپىدىكى شەيرات ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىكى رادارلارنى، بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى، ئايروپىلان ئوق – دورىلىرىنى، ئارقا سەپ تەمىناتى ساھەلىرىنى، ئايرودۇرۇمدىكى ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يوللىرىنى، ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنى، ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى ۋە بازىغا ئائىت بىنالارنى نىشان قىلدى.
باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئامېرىكىنىڭ ئاقدېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوتىدىن ئېلىپ بېرىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ھەربىي ھەرىكەتلەر ھەققىدە توختالغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئەشلەتكەنلىكىدە قىلچە گۇمان يوقلۇقىنى، چۈنكى، ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بازىدىمۇ خىمىيەلىك قوراللارنىڭ تېپىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا خىمىيەلىك قورال ئەھدىنامىلىرىگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتە مەسۇم بالىلارغا قىلچە رەھىم قىلمىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ترامپ، مەزكۇر بازىغا ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن سۈرىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا ھۇجۇم قىلىنىشتىن بۇرۇن رۇسىيە ۋە بىر قىسىم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ يەنە بىر قېتىملىق بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلانغان ئىجابىي ۋە ئەھمىيەتلىك قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىدا تۈرتكلىك رول ئوينىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئۆز خەلقىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە تۈرلۈك ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشى لازىم.»
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇ خىمىيەلىك قوراللار مەسىلىسىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ناھايتى كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ترامپنىڭ ھۇجۇم قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
رۇسىيە بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى بۇ ھەقتە جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى.
ئىرانمۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.