بىرازىلىيە ئالىي سوتى: ساقچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھوقۇقى يوق
بىرازىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى، ساقچى خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلاش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلدى.
707269
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى، شەھەردە چارلاش ئېلىپ بارىدىغان قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، فېدېراتسىيە ساقچىلىرى ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان مەمۇرىي ساقچى خادىملىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا ئوخشاش ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بويىچە خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭمۇ قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
بىرازىلىيەنىڭ ئېسپىرىتو سانتوس ئۆلكىسىدە 4 – فېۋرال كۈنى قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى مائاشلارنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى.