فىرانسىيە ب د ت نى سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي قارار چىقىرىشقا چاقىردى

فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۈرىيە مەسىلىسى توغۇرلۇق جىددىي قارار چىقىرىشقا چاقىردى.

707106
فىرانسىيە ب د ت نى سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە جىددىي قارار چىقىرىشقا چاقىردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېن مارك ئايرالت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن سۈرىيە مەسىلىسىدە جىددىي قارار چىقىرىشنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مىنىستىر مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن،  بولۇپمۇ رۇسىيە قاتارلىق دائىمىي ئەزالار بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ.»

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتە قارار چىقىرىشى ۋە جەنۋەدىكى سۈرىيە تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن مارك ئايرالت، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەي كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس رىللېرسون بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرى جىم مارتتىسنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان باياناتلارنى بېرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئەسەد سادىر قىلغان جىنايەتلەر ھەرگىزمۇ جازاسىز قالمايدۇ. خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بەششار ئەسەدنى سوتلايدىغان كۈن ھامان كېلىدۇ.»

فىرانسىيە ئەسەدنىڭ سۈرىيە تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىدە ئورۇن ئالالمايدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى كېرەكلىكىنى ياقلاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر