ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ 2000 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
خەلقئارا بالىلارنى ئاسراش ھەرىكىتى، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ يېقىنقى يىللار ئىچىدە ئىككى مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىلىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا بالىلارنى ئاسراش ھەرىكىتى، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ يېقىنقى 16 يىل ئىچىدە 2012 پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خەلقئارالىق كېلىشىملەردە كۆرسىتىلگەن بالىلار ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە 1979 – يىلىدىن بۇيان بۇ ساھەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا بالىلارنى ئاسراش ھەرىكىتى، ئەڭ يېڭى دوكلاتى ئارقىلىق پەلەستىنلىك بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاچچىق ھەقىقەتلەرنى دەلىللىدى؛ دوكلاتتا، غەربىي قىرغاق، قۇددۇس ۋە غەززەدە يېقىنقى 16 يىلدا ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن 2012 پەلەستىنلىك بالىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئائىلىلەرنى جازالاش مەقسىتىدە بالىلارنىڭ جەسەتلىرىنى يېقىنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، چېقىلالماسلىق سىياسىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سوتلىنىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
دوكلاتتا يەنە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى مۇھاسىرە سىياسىتىگە ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىلدى.