رۇسىيەدە يەنە بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ ئاستراھان شەھىرىدە ئىككى ساقچى خادىمى كىملىكى نامەلۇم كىشىلەردىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

705499
رۇسىيەدە يەنە بىر ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاستراھان شەھرىدە بىر قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈۋاتقان ساقچىلارغا ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ نەق مەيدان ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھۇجۇمچىلار ئىشلەتكەن ئاپتوموبىلنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن بىر يېزىدىن تېپىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر