سېربىيە باش مىنىستىرى سايلامدا غەلىبە قىلدى
سېربىيەدە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ، باش مىنىستىر ئالېكساندار ۋۇجىج غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
704241
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالېكساندار ۋۇجىج %55 ئاۋازغا ئېرىشىپ، سايلامدا غەلىبە قىلغان. ئۇ رەسمىي نەتىجىلەرنى ساقلىماستىنلا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پۇقرالارنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن ئۆزەمنى پەخىرلىك ھېس قىلدىم» دېگەن.
سېربىيە خەلقى بۇ سايلام ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.