تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت باشلىقى قولغا ئېلىندى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پاك گيۇنخاي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغان چىرىكلىك قىلمىشى سەتچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

703244
تۇنجى قېتىم بىر دۆلەت باشلىقى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېئۇل مەركىزى رايونلۇق سوت مەھكىمىسى پارىخورلۇق، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش، بېسىم ئىشلىتىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پاك گيۇنخاي ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

بۇ قارار تۈنۈگۈنكى ئۇدا 9 سائەت داۋاملاشقان سوتتىن كېيىن چىقىرىلغان. ئىككى ئادۋۇكاتى بىلەن بىرلىكتە سوتقا قاتناشقان پاك گيۇنخاي مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.

جەنۇبىي كورېيە تارىخىدا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولغان پاك گيۇنخاي يېقىن دوستى چې سۇنسىنى ئىشقا سېلىپ،  دۆلەتتىكى چوڭ – چوڭ شىركەتلەردىن ئىئانە نامى ئاستىدا پارا ئېلىش ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە يېقىن – يورۇقلىرىنى سىياسىي مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن قىلىش، بۇ ئارقىلىق ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتى 2016 – يىلى 9 – دېكابىر كۈنى پاك گيۇنخاي ئۈستىدىن  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىغان، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ پىرېزىدېنتلىق   ۋەزىپىسى ۋاقىتلىق باش مىنىستىر خۋاڭ كيوئەنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنىدى.

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ 8 سودىيەدىن تەشكىل تاپقان ھەيئىتى 10 – مارت كۈنى پاك گيۇنخاينى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش توغرۇلۇق بىردەك ئاۋاز بىلەن قارار چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر